رەئىسى: تېھران رايوننىڭ جۇغراپىيەلىك چېگراسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ

ئىران پرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى، دۆلىتىنىڭ رايوننىڭ جۇغراپىيەلىك چېگراسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1866715
رەئىسى: تېھران رايوننىڭ جۇغراپىيەلىك چېگراسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىبراھىم رەئىسى بىلەن ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنياننىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، سۆھبەت جەريانىدا رەئىسىنىڭ، تېھران بىلەن ئەرىۋان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

رەئىسى، يېقىندا كاۋكاز رايونىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار ھەققىدە توختىلىپ: «ئۈچ تەرەپ خىتابنامىسىگە قول قويغان دۆلەتلەر (ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە – رۇسىيە)نىڭ كېلىشىمنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى دىيالوگ ۋە دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشى، كاۋكاز رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. ئىران، رايوننىڭ جۇغراپىيەلىك چېگراسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ» دېدى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان سۆھبەت جەريانىدا «دۆلىتىنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن بولغان توقۇنۇشى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇر بەرگەن».

پاشىنيان يەنە، تېھران - ئەرىۋان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يۈك ترانسپورتىغا قولايلىق يارىتىشنى ۋە تاشيول، ئېنېرگىيە قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر