جەنۇبىي كورېيە بېيجىڭنىڭ يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلدى

سېئول ھۆكۈمىتى، بېيجىڭنىڭ جەنۇبىي كورېيە تەۋەلىكىگە ئامېرىكادا ياسالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرماسلىق توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى رەت قىلدى.

1866450
جەنۇبىي كورېيە بېيجىڭنىڭ يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مىنىستىر پارك جىننىڭ سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى (THAAD) نىڭ جەنۇبىي كورېيەلىكلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى قوغداشتىكى بىر مۇداپىئە قورالى ئىكەنلىكىنى، سېئۇلنىڭ بۇنى بېيجىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالىمايدىغان دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ جەنۇبىي كورېيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلماسلىقى توغرىسىدا رەسمىي كېلىشىم ياكى بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ يوقلۇقىغا ئىشارەت قىلىنىپ، ئىككى مىنىستىرنىڭ ئۇچرىشىدا، تەرەپلەرنىڭ يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەنلىكى، بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە چېگىشلىك پەيدا قىلماسلىقى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن ئىككى مىنىستىرنىڭ خىتايدىكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ بېيجىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي كورېيەنىڭ يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى پائالىيىتىنى چەكلەشكە ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئۇ، ئىككى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مەيدانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر