رۇسىيە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا نارازىلىق نوتاسى تاپشۇردى

رۇسىيەنىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىخانىسى «گېرمانىيەنىڭ براندېنبۇرگ ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋېرنېچېن رايونىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى قەبرىستانلىقىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلدى» دېگەن باھانە بىلەن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا نارازىلىق نوتاسى تاپشۇردى.

1866021
رۇسىيە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا نارازىلىق نوتاسى تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلچىخانىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى يادىكارلىقلىرى ۋە قەبرىستانلىقلىغا قارىتا قورقۇنچلۇق شەكىلدە ھۆرمەتسىزلىك قىلىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، يېقىندا توردا بىر گېرمان نېئونازى قوللىغۇچىسىى تەرىپىدىن ۋېرنېچېندىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇش قەبرىستانلىقىغا ئىرقچىلىق شوئارلىرى بىلەن ھۆرمەتسىزلىك قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر سىنئالغۇ لېنتىسىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «بىز بۇ قەبىھ ھەرىكەتنى مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش شۇنداقلا دۇنيا ۋە ياۋروپانى ناتسىزىمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلەرنىڭ ئابىدىلىرىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىش، دەپ قارايمىز» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، گېرمانىيە ئەدلىيە ئورگانلىرىغا مەلۇمات بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، «گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ۋەقەنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن  ئەتراپلىق تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىشىنى، ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىققا تاتىلىشىنى ۋە 1992-يىلى 16-دېكابىردىكى رۇسىيە-گېرمانىيە ئۇرۇش قەبرىستانلىقلىرى كېلىشىمىگە ئاساسەن ئابىدىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ قوغدىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، نارازىلىق نوتاسى بېرىلدى» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

ۋېرنېچېن شەھىرىگە مەسئۇل ئوست ساقچى ئىدارىسىمۇ ئابىدىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىنغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ،  بىر گۇۋاھچىنىڭ ساقچىغا كىملىكى نامەلۇم بىر كىشىنىڭ ئابىدىگە تەرەت قىلغانلىقىنى ۋە باشقا يەنە بىر كىشىنىڭ بۇ جەرياننى سۈرەتكە ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر