قاتار ئەمىرى مىسىر پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى

قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1865912
قاتار ئەمىرى مىسىر پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار ئەمىرلىك مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى بىلەن مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش يوللىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ئىسرائىلىيە، ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 5 – ئاۋغۇست جۈمە كۈنى غەززەدە، ئىسلامىي جىھاد تەشكىلاتىغا ئائىت نىشانلارنى بومباردىمان قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، غەززەدىن ئىسرائىلىيە تەرەپكە بىر قاتار راكېتامىيوتلار ئېتىلغانىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا، 14 بالا ۋە 4 ئايالنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 44 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى. ئىسرائىلىيە تەرەپتە بولسا، ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنىدى.

تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، 7 – ئاۋغۇست كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلۇشقا باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر