پېلوسى: تەيۋەننىڭ يالغۇزلاشتۇرۇلۇشىغا يول قويۇشقا بولمايدۇ

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسى، خىتاينىڭ تەيۋەننى يالغۇزلاشتۇرۇشىغا «يول قويۇشقا بولمايدىغانلىقى»نى ئېيتتى.

1865880
پېلوسى: تەيۋەننىڭ يالغۇزلاشتۇرۇلۇشىغا يول قويۇشقا بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نەنسى پېلوسى ئۆتكەن ھەپتىدىكى تەيۋەن زىيارىتىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئامېرىكانىڭ NBC خەۋەرلەر قانىلىنىڭ بىۋاسىتە سۆھبەت پىروگراممىسىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشتىكى مەقسىتىگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ، تەيۋەننىڭ ئەركىن دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنى كىمنىڭ زىيارەت قىلىدىغانلىقىغا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇلارغا (تەيۋەنلىكلەرگە) دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا كىرەلمەيسىلەر، دېسە بولىدۇ، ئەمما، (ھېچكىم) تەيۋەنگە كىمنىڭ بارىدىغانلىقىغا ئارىلىشالمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى يالغۇزلاشتۇرۇشىغا يول قويالمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  

پېلوسى ئۆزىنىڭ 6 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە تەيۋەنگە بارغانلىقىنى ۋە پارلامېنتلار ئارا ئالاقىنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئاۋام پالاتاسى باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تەيۋەنگە قاراتقان زىيارىتىمىزدە ھەر ئىككى پارتىيە (دېموكراتىك ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى) نىڭ ئالاھىدە قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدىم. بىز تەيۋەندە مىڭلارچە كىشى تەرىپىدىن ناھايىتى قىزغىن قارشى ئېلىندۇق» دېدى.

ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتىدە ئۆزگىرىش يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن پېلوسى: «بىز ئۇ يەرگە سىياسىتىمىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بارمىدۇق. بىز يەنىلا <بىر خىتاي> سىياسىتىنى قوللايمىز. بۇ يەردە بىئارام قىلىدىغان بىر ئىش يوق ئىدى» دېدى.

ئۇ يەنە: «پالاتالار بىز بىلەن دوست ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنى قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلسا بولىدۇ. تەيۋەن سىياسىتى قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، تەيۋەن بىزنىڭ دوستىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر