خىتاي ئارمىيەسى مانېۋىرلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى

خىتاي ئارمىيەسى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى تەيۋەن زىيارىتىدىن كېيىن،ئارال ئەتراپىدا باشلىغان ھەربىي مانېۋىرلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1866105
خىتاي ئارمىيەسى مانېۋىرلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئارمىيەسى شەرق فىرونت قوماندانلىق ئىشتابى باياناتچىسى شى يى بايانات بېرىپ، تەيۋەن ئەتراپىدىكى دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقىدىكى مانېۋىرلارنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى؛ ئۇ، مانېۋىرلار دائىرىسىدىكى ۋەزىپىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنى، ئارمىيەنىڭ بىرلەشمە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئۈنۈملۈك سىناق قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بېيجىڭنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى ۋەزىيەتنى نازارەت قىلىدىغانلىقى ۋە جەڭ تەييارلىقى مانېۋىرلىرىنى مۇنتىزىم شەكىلدە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ بايانات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن تەيۋەن سىياسىتى ھۆججىتى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئېلان قىلىندى. ھۆججەتتە، خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ ئىدىيەۋى ۋە ئىجتىمائىي پەرقى ئېتىراپ قىلىنغان «تىنچ بىرلىشىش» نىشانى تەكىتلەندى.

خىتاي تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى بىلەن ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى بىرلىكتە ئېلان قىلغان «تەيۋەن مەسىلىسى ۋە يېڭى دەۋردە خىتاينىڭ بىرلىشىشى» ماۋزۇلۇق ھۆججەتتە، ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بېيجىڭغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، يارىشىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلىشى دىققەتنى تارتتى.

خىتاي ئارمىيەسى نەنسىي پېلوسىنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن، 8-، 7- ئاۋغۇست كۈنلىرى ئارال ئەتراپىدىكى 6 رايوندا ھەربىي مانېۋىر باشلىغان بولۇپ، مانېۋىر توغرىسىدىكى ھاۋا بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ مۇددىتىنىڭ 7-ئاۋغۇست كېچىسى توشقان بولۇشىغا قارىماي، مانېۋىرلار 8-ۋە 9-ئاۋغۇست كۈنلىرىمۇ داۋاملاشقانىدى.

ئارال ئەتراپىدا ئەمەلىي قامال پەيدا قىلغان مانېۋىرلار سەۋەبىدىن بەزى رايونلار پاراخوت ۋە ئايروپىلان قاتنىشىغا تاقالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر