ب د ت دائېشنىڭ تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئىشلىتىش نىسبىتىنى ئاشۇرغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئىشلىتىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت تېرورلۇققا قارشى كۈرەش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋىلادىمىر ۋورونكوۋ ب د ت خەۋسىزلىك كېڭىشىگە دوكلات بېرىش يىغىنىدا، تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ رايوندىكى كونتروللۇقى ۋە رەھبەرلىكى جەھەتتىن ئۇچرىغان تالاپەتلىرىگە قارىماستىن، ھازىرمۇ تەھدىت ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.
ۋورونكوۋ تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا، بولۇپمۇ ئىراقنىڭ شىمالىدا تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئىشلىتىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دائېشنىڭ ھازىرمۇ سۈرىيە، ئىراق، ئافغانىستان، سومالى ۋە چاد ئويمانلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ۋورونكوۋ دائېشنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتا 10 مىڭغا يېقىن جەڭچىسىنىڭ بارلىقىنى، تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يەنە، 25 مىليون دوللاردىن 50 مىليون دوللارغىچە كىرىمگىمۇ ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.