ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) دونالد ترامپنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىردى

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ فلورىدادىكى ئۆيىگە بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1865342
ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) دونالد ترامپنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)  خادىملىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى كەچتە مار-لاگودىكى ئۆيىگە بېسىپ كېرىپ ئۇنىڭ بىخەتەر ساندۇقىنى ئاختۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ئۆيىنىڭ قورشاۋغا ئېلىنغانلىقىنى، بېسىپ كىرىش ۋە ئىشغال قىلىشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا جامائەتچىلىكىدە تارقالغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ترامپنىڭ پرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە ئاقساراينىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىنى قانۇنسىز ھالدا مار-لاگوغا ئېلىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا تەكشۈرۈش بۇيرۇقى چىقارغان.

«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» تەكشۈرۈشتىن مەلۇماتلىق ئىككى نامسىز مەنبەنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ ئاختۇرۇشنىڭ دونالد ترامپنىڭ ئاقسارايدىن فلورىدادىكى ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن مەخپىي ھۆججەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى يازدى.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)  بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر