شىۋېيتسارىيە تۈركىيەنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدىكى ئاشلىق يۆتكەش خىزمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

شىۋېيتسارىيە رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى يەر شارىۋى ئاشلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا ئىشلىنىۋاتقان ئاشلىق يۆتكەش خىزمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1865574
شىۋېيتسارىيە تۈركىيەنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدىكى ئاشلىق يۆتكەش خىزمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېيتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «شىۋېيتسارىيە، ئۇكرائىنادىن 12 مىڭ توننا ئاشلىق بېسىلغان پاراخوتنىڭ تۈركىيەگە يېتىپ بارغانلىقىنى ئىنتايىن خۇرسەن.»

باياناتتا، قارادېڭىز ئاشلىق يۆتكەش خىزمىتىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىنىڭ يەر شارىۋى ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى ۋە ئېھتىياجلىق توپلۇقلار ئۈچۈن زور تەسەللىي بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە، 22 – ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلدا، تۈركىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا «ئاشلىق ۋە يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن بىخەتەر ھالدا يۆتكەش تشەببۇسى ھۆججىتى» ئىمزالانغانىدى.

تۇنجى پاراخوت 1 – ئاۋغۇست كۈنى يولغا چىققان بولۇپ، ھازىرغىچە  ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن جەمئىي 305 مىڭ 458 توننا ئاشلىق «ئىستانبۇل بوغۇزى» غا، بۇ يەردىن لىۋان، ئىرېلاندىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيە ۋە خىتايغا بىخەتەر ھالدا يۆتكەلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر