خىتاي يەكشەنبە كۈنى مۇددىتى توشقانلىغا قارىماي، تەيۋەنگە قارشى مانېۋىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي قىسىملىرى تەيۋەن ئەتراپىدىكى مانېۋىرلار توغرىسىدا ئېلان قىلغان ھاۋا ۋە دېڭىز بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى (NOTAM) نىڭ ۋاقتى يەكشەنبى كۈنى توشقانلىقىغا قارىماستىن، تۈنۈگۈنمۇ مانېۋىرىنى داۋاملاشتۇردى.

1865474
خىتاي يەكشەنبە كۈنى مۇددىتى توشقانلىغا قارىماي، تەيۋەنگە قارشى مانېۋىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن خىتاي باشلىغان ھەربىي مانېۋىرنىڭ 4 كۈنلۈك مۇددىتىدىن ھالقىپ 5 – كۈنىگە قەدەم قويغانلىقىنى ۋە 5 - كۈنىدە ئارال ئەتراپىدا 39 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە 13 ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خىتاي ھاۋا ۋە دېڭىز ۋاستىلىرىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئىز قوغلاش قوراللىرى، چارلاش ئايروپىلانى، پاراخوت ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئارقىلىق ئىز قوغلاپ كۆزىتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، 21 خىتاي ئايروپىلانىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى «تەرەپلەرنىڭ تەسىر دائىرىسىنى چەكلەش رايونى» دەپ قوبۇل قىلىنغان دېڭىز لىنىيەسىنىڭ شەرقىدە ۋە تەيۋەن ھاۋا مۇداپىئەسىنىڭ پەرقلەندۈرۈش رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا ئۇچقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىنىستىرلىق 3 - ئاۋغۇستتا پېلوسى ئارالنى زىيارەت قىلغاندا 27 خىتاي ئايروپىلانىنىڭ ئارال ئەتراپىدا كۆرۈلگەنلىكىنى، 4-ئاۋغۇستتا بولسا، تەيۋەن ئەتراپىدا 22 خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تەيۋەن ئەتراپىدا كۆرۈلگەنلىكىنى، 4-ئاۋغۇستتا يەنە، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئېتىلغان 11 باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تەيۋەن دېڭىز تەۋەلىكىگە چۈشكەنلىكىنى  بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 5 - ئاۋغۇستتا ئارال ئەتراپىدا 68 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە 13 ئۇرۇش پاراخوتى، 6- ئاۋغۇستتا 20 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە 14 ئۇرۇش پاراخوتى، 7 - ئاۋغۇستتا 66 ئايروپىلان ۋە 14 پاراخوتنىڭ كۆرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

خىتاي 4-ئاۋغۇستتىن 7-ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بۇ مانېۋىر ئارقىلىق ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش تارتىشلىق ئارالنىڭ ئەتراپىدا ئەمەلىي بىر قورشاۋنى  پەيدا قىلغان ئىدى.

جەمئىي 6 رايوندا ئېلىپ بېرىلغان مانېۋىر سەۋەبىدىن بەزى رايونلار پاراخوت ۋە ئايروپىلان قاتنىشىغا تاقالغان بولۇپ تەيۋەن بۇغۇزىدا بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن ئاممىۋىي قاتناشلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

خىتاي قىسىملىرى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مانېۋىرغا مۇناسىۋەتلىك جاكارلىغان ھاۋا ۋە دېڭىز بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى (NOTAM) نىڭ مۇددىتى يەكشەنبە كۈنى چۈشتە توشقانلىغا قارىماستىن، مانېۋىرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر