خىتاينىڭ 900 يىللىق تارىخقا ئىگە ياغاچ كۆۋرۈكى كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى

خىتاينىڭ فۇجىيەن ئۆلكىسىدىكى 900 يىللىق تارىخقا ئىگە ۋانئەن كۆۋرۈكى كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى.

1864882
خىتاينىڭ 900 يىللىق تارىخقا ئىگە ياغاچ كۆۋرۈكى كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى
Abd-yangın
çin yangın

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەسمىي نەشرىيات ئورگىنى بولغان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ھازىرقى فۇجىيەن ئۆلكىسىگە قاراشلىق پىڭنان رايونىدا تاش ۋە ياغاچتىن ياسالغان ئەگمە كۆۋرۈكتە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.

900 يىللىق تارىخقا ئىگە كۆۋرۈكنىڭ گۆۋدىسى ئوت ئاپىتىدە پۈتۈنلەي كۆيۈپ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

تەخمىنەن 10 سائەت داۋاملاشقان ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىدىن كېيىن ئوت ئۆچۈرۈلگەن، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ھادىسسى كۆرۈلمىگەن. ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلانغان.

خىتاينىڭ تارىخى بىناكارلىق ساھەسى مۇتەخەسسىسلىرى «ئوت تەبىئىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن باشلانغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارىمايدىغانلىقلىرىنى بايان قىلدى.

مۇتەخەسسىسلەر سۇنىڭ ئۈستىدىكى بىر كۆۋرۈككە ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇتەخەسسىسلەر بىرەر كىشىنىڭ ئوت قويۇپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ياغاچ قۇرۇلۇشلارنى قوغداشنىڭ موھىملىقىنى بىلدۈرۈشتى.

«ئۇنىۋېرسال تىنچلىق كۆۋرۈكى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان ۋەنئەن كۆۋرۈكى 98 مېتىردىن كۆپرەك ئۇزۇنلۇقى بىلەن خىتايدىكى ئەڭ ئۇزۇن ياغاچ تاش كۆۋرۈك ھېسابلىناتتى.

كۆۋرۈكتە بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، بۇزۇلغان قىسمى رېمۇنت قىلىنغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر