ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسلامىي جىھادقا تەھدىت سالدى

ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى بېننىي گانتىز، ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى رەھبەرلىرىنىڭمۇ «بەدەل تۆلەيدىغانلىقى»نى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.

1864703
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسلامىي جىھادقا تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئاممىۋى تارقىتىش شىركىتى (KAN)، ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى گانتىزنىڭ: «ئىسلامىي جىھاد ھەرىكتىىنىڭ چەت ئەلدىكى رەھبەرلىرىمۇ ئوخشاش بەدەل تۆلەيدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى ئابۇنىتلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، ئىسرائىلىيە ئىچكى ئىستىخبارات ئىدارىسى (شاباك) ۋە بارلىق بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا «ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتىگە ئېغىر زەربە بېرىپ، (ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدا) تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى، تۈنۈگۈن ئەتىگەن گانتىزنىڭ غەززە رايونىدىكى ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتىگە قارشى ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيە 5 – ئاۋغۇست ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتىنىڭ غەززەدىكى ئورۇنلىرىغا زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ باشلىغان ھۇجۇملىرىدا ھازىرغىچە 32 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 250 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر