سەنيادا 80 مىڭ ساياھەتچى توختاپ قالدى

خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى كوۋىد-19نى تىزگىنلەش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان سەنيا ساياھەت شەھىرىدە 80 مىڭ ساياھەتچى توختاپ قالدى.

1864704
سەنيادا 80 مىڭ ساياھەتچى توختاپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئىسسىق بەلۋاغ خەينەن ئارىلىدىكى بۇ شەھەرنىڭ كوۋىد -19 نىڭ تارقىلىشى سەۋەبىدىن «نۇقتىلىق رايون» دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ يول يۈرۈشنى مەنئى قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار چەكلىمىلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

چەكلىمىلەر تۈپەيلى 80 مىڭ ساياھەتچى توختاپ قالغان سەنيانىڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى بېلەت سېتىشنى تولۇق چەكلىىدى، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

سەنيادىن ئايرىلماقچى بولغان ساياھەتچىلەرگە يەتتە كۈن ئىچىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ بەشىدە يۇقۇم ئالامەتلىرىنىڭ بايقالماسلىقى شەرتى قويۇلغان.

ئىگىلىنىشىچە، سەنيادىكى چەكلىمە ساياھەتنىڭ ئەڭ ئاۋات مەزگىلىگە توغرا كەلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر