پاكىستاندا بىر پارلامېنت ئەزاسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇھنۋا ئۆلكىسى پارلامېنت ئەزاسى مالىك لىياقات ئەلى خاننى ھۇجۇم نىشانى قىلغان قوراللىق ھۇجۇمدا تۆت ئادەم قازا قىلدى.

1864672
پاكىستاندا بىر پارلامېنت ئەزاسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرى، پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئىمران خان باشچىلىقىدىكى پاكىستان ئەدلىيە ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ خەيبەر پاختۇھنۋا ئۆلكىسى مەجلىس ئەزاسى مالىك لىياقات ئەلى خان ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان لوۋېر دىر رايونىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، ۋەقەدە پارلامېنت ئەزاسى  ئەلى خاننىڭ ئىنىسى، جىيەنى ۋە ئۇنى قوغداپ مېڭىۋاتقان بىر ساقچى بىلەن بىر ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدا ئېغىر يارىلانغان ئەلى خاننىڭ دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

پاكىستاننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ياكى شەخس ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر