ماكرون ئەلىيېۋ ۋە پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بۇ ھەپتە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېف ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن ئايرىم – ئايرىم تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

1864700
ماكرون ئەلىيېۋ ۋە پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېلىسې سارىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ماكروننىڭ بۇ ھەپتە ئەلىيېۋ ۋە پاشىنيان بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى؛ باياناتتا، ماكروننىڭ يېقىنقى كۈنلەردە لاچىن كارىدورىدا يۈز بەرگەن «ئېغىر ۋەقەلەر»دىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ماكروننىڭ جىددىي ۋەزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن  ھەر ئىككى دۆلەتنى بارلىق قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىرغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا: «(ماكرون) 2020- يىلى 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىكى ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى دائىرىسىدە بېرىلگەن ۋەدىلەرگە ھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى ۋە ماكروننىڭ جەنۇبىي كاۋكاز ۋەزىيىتىنىڭ يۈزلىنىشىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ مەزكۇر تېلېفون سۆھبىتىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا، پىرېزىدېنت ئەلىيېۋنىڭ، ئەرمېنىيە تەرەپنىڭ يەنە بىر قېتىم ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىقىنى، رۇسىيە ئەسكەرلىرى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدىكى مەزكۇر ئىغۋاگەرچىلىك نەتىجىسىدە بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەلىيېۋ، جىددىيچىلىكنىڭ بارلىق جاۋابكارلىقىنىڭ ئەرمېنىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە رەھبەرلىرى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۈچ تەرەپ خىتابنامىسىگە ئىمزا قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر