خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا ئىنكاس قايتۇردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن، «ھەر قايسى تەرەپلەرنى» پۈتۈن كۈچى بىلەن سوغۇققانلىقنى ساقلاپ قېلىشقا چاقىردى.

1864649
خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ ئىشخانىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۈچلۈك ئەندىشە ئىچىدە يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى»نى بىلدۈرۈپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىنساننىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدە سوغۇققان بولۇشقا چاقىرىدۇ. ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە بولسىمۇ، ئالدى بىلەن ھەر ئىككى تەرەپ پۇقرالارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى ۋە ئازابلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كەڭ دائىرىلىك توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان شەپقەتسىزلەرچە ھۇجۇمىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، ئەرەب پارلامېنتى بايانات ئېلان قىلىپ، غەززە رايونىدىكى پۇقراۋى ئورۇنلارنى بومباردىمان قىلىشنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئوچۇق – ئاشكارا دوئېل ئېلان قىلىش ۋە خەلقئارا ئەھدىنامە، كېلىشىم ۋە پىرىنسىپلارغا خىلاپلىق قىلىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى پەلەستىن خەلقىگە قارىتىلغان بۇ تاجاۋۇزچىلىقنى دەرھال توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

لىۋىيە، يەمەن، ئىران، رۇسىيە ۋە فىرانسىيەمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان غەززە ھۇجۇمىنى ئەيىبلەب بايانات ئېلان قىلىپ، غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان جىددىيچىلىكتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 5-ئاۋغۇست قورشاۋدىكى غەززە رايونىدىكى ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتىنىڭ مەركەزلىرىگە ھۇجۇم قوزغىغان بولۇپ، ھۇجۇملاردا ئالتىسى كىچىك بالا، ئىككىسى ئايال بولۇپ جەمئىي 24 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 203 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر