رۇسىيە 62 كانادالىققا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

موسكۋا 62 كانادا پۇقراسىنىڭ رۇسىيەگە كىرىشىگە چەكلىمە قويدى.

1864481
رۇسىيە 62 كانادالىققا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، كانادانىڭ، رۇسىيەنىڭ دۆلەت ۋەكىللىرى، ژۇرنالىستلىرى، مۇتەخەسسىسلىرى ۋە رۇس ئورتودوكس چېركاۋىنىڭ ئېپىسكوپى كىرىلگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

بۇنىڭغا جاۋاب تەرىقىسىدە 62 كانادا پۇقراسىنىڭ «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، بۇ شەخسلەرنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى. تىزىملىكتىن، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى دائىرىلىرىدىن سىرت يەنە، سىياسىي مۇتەخەسسىسلەر، سەنئەتچىلەر ۋە دىنىي ۋەكىللەرمۇ ئورۇن ئالدى.

مەزكۇر شەخسلەرنىڭ رۇسىيەگە كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو ھۆكۈمىتى رۇسىيەگە قارشى دۈشمەنلەردە پوزىتسىيەدە بولدى. بۇنداق ھەرىكەتلەرگە قارشى يېقىندا يولغا قويۇلىدىغان چارە – تەدبىرلەر ئېلان قىلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر