ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى تەربىيەلەش قايتىدىن باشلاندى

كانادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئانىتا ئاناد كانادانىڭ ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىگە تەلىم-تەربىيە بېرىش ئۈچۈن ئەنگلىيەگە ھەربىي خادىملارنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1864105
ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى تەربىيەلەش قايتىدىن باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئانىتا ئاناد ئوتتاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پىروگرامما رامكىسىدا نۆۋەت بىلەن ۋەزىپە ئۆتەيدىغان 225 ھەربىي خادىمدىن 90 نەپىرىنىڭ 2022-يىلى 12-ئاۋغۇستتا ئەنگلىيەگە قاراپ چىقىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇكرائىنا ئەسكىرىگە تەلىم-تەربىيە بېرىش پىروگراممىسىغا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئۇكرائىنا بىلەن 2015-يىلى تۈزۈلگەن «UNIFER» پىروگراممىسى رامكىسىدا 33 مىڭدىن ئارتۇق ئۇكرائىنا ئەسكىرىنى تەربىيەلىگەنلىكلىرىنى، 24-فېۋرال (2022) باشلانغان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى بىلەن ۋاقىتلىق توختىتىلغان پىروگراممىنىڭ مۇشۇ بويىچە قايتىدىن باشلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىيۇلدىن (2022) باشلاپ ئەنگلىيەگە يېتىپ بېرىپ تەربىيەلىنىشنى باشلىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇكرائىنادا تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنى توختاتقان ۋاقتىمىزدا، پۇرسەت كەلگەندە قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەلەم-تەربىيە ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىمىزنى ئېيتقان ئىدۇق. ھازىر بەرگەن ۋەدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ تەلىم-تەربىيەنىڭ قورال-ياراغ توشۇش ۋە ئىشلىتىش، ئۇرۇش مەيدانىدا دەسلەپكى قۇتقۇزۇش قاتارلىق ئالدىنقى سەپتىكى ئۇرۇشتا ئېھتىياجلىق بولغان ئەسكەرلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

كانادا باشچىلىقىدىكى ھەربىي تەلىم-تەربىيەلەر ئەنگلىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ھەربىي بازىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر