لاۋروۋ: ئامېرىكانىڭ پائالىيەتلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1864336
لاۋروۋ: ئامېرىكانىڭ پائالىيەتلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېرگېي لاۋروۋ كامبودژدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى؛ ئۇ، ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرىكەتلىرىگە ئىشارەت قىلىپ: «ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ رايوندا تار قۇرۇلمىلارنى بەرپا قىلىش پائالىيىتى، ئورتاق تونۇش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ AUKUS (ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاق)قا ئوخشاش ھەربىي-سىياسىي ھەرىكەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەنپەئەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، AUKUS تىن پايدىلىنىش خاھىشى بار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سېرگېي لاۋروۋ، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ قاماقتىكى رۇس ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ: «بۇ مەسىلىنى (رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) پۇتىن بىلەن (ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو) بايدىن بىرلىكتە قارار قىلغان رامكا ئىچىدە مۇزاكىرە قىلىشقا تەييارمىز» دېدى.

مىنىستىر لاۋروۋ، تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمى مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى «توغرا» دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ كېلىشىمگە قايتىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر