خىتاينىڭ تەيۋەن خەلقىنى «قايتا تەربىيەلەش» پىلانى بارمۇ قانداق؟

خىتاينىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇشايې تەيۋەنگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

1864392
خىتاينىڭ تەيۋەن خەلقىنى «قايتا تەربىيەلەش» پىلانى بارمۇ قانداق؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇشايې فىرانسىيە ب ف م ت ۋ قانىلىنىڭ «BFMTV» مەخسۇس پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، يېقىنقى كۈنلەردە تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك ئوتتۇرىغا چىققان جىددىيچىلىكلەر توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلاش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ تەيۋەنلىكلەرگە قارشى ھەرىكەت بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تەيۋەن خەلقىنىڭ مېڭىسىنىڭ يۇيۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «بىرلىشىشتىن كېيىن، ئۇلارنى قايتىدىن تەربىيەلەيمىز. ئۇ چاغدا تەيۋەن نوپۇسى بىرلىشىشنى قوللايدىغان بولىدۇ، تەيۋەنلىكلەر يەنە ۋەتەنسۆيەر بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن» دېدى.

ئۇ رىياسەتچىنىڭ «تەھدىت سېلىش ئارقىلىقمۇ؟» دېگەن سوئالىغا: «تەھدىت سېلىش بىلەن ئەمەس، قايتىدىن تەربىيەلەش بىلەن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ 20 يىل ئىلگىرى كۆپىنچە تەيۋەنلىكنىڭ تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ بىر پارچىسى بولۇشنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسىنىڭ خىتايغا قارشى تەتۈر تەشۋىقات قىلىشى سەۋەبىدىن، بۈگۈن ئارالدىكى خەلق بىرلىشىشقا قارشى چىقماقتا» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەن زىيارىتى توغرىسىدا توختالغاندا، «ناھايىتى كۆپ خەتەرلەرنى ۋە كىرىزىسلارنى پەيدا قىلغانلىقى» نى بىلدۈردى.

ئۇ ئاخىرىدا، جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتقان تەرەپنىڭ خىتاي ئەمەس، پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەن زىيارىتى بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ ئىغۋاگەرچىلىككە جاۋاب قايتۇرغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر