خىتاي: پېلوسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزىمىز

خىتاي ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشلىق بولغان تەيۋەننى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1864206
خىتاي: پېلوسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نەنسى پېلوسى خانىمغا ئېمبارگو يۈرگۈزىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، پېلوسى خانىمنىڭ خىتاينىڭ ئەندىشەلىرى ۋە قارشى تۇرۇشىغا قارىماي تەيۋەننى زىيارەت قىلىشتىن ۋاز كەچمىگەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەن زىيارىتىنىڭ «تەيۋەن بوغۇزى» نىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان سالغان «بىر خىتاي» پىرىنسىپىغا خىلاپ زىيارەت ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «خىتاي پېلوسىنىڭ يامان غەرەزلىك ئىغۋاگەرچىلىكىگە جاۋاب تەرىقىسىدە، ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا قانۇن بويىچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.»

باياناتتا، ئېمبارگونىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم 2-ئاۋغۇست (2022) تەيۋەننى  زىيارەت قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر