بلىنكېن: خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرى ئامېرىكا-ياپونىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن خىتاينىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشى ۋە تەيۋەننى نىشان قىلغان ھەربىي مانېۋىرلىرىنىڭ جىددىيچىلىكتە «كۆرۈنەرلىك ئۇلغىيىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1864347
بلىنكېن: خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرى ئامېرىكا-ياپونىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن كامبودژا پايتەختى فىنوم پېندا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىمۇ قاتناشقان شەرقىي ئاسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى.

ئۇ يىغىندىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «خىتاي تەيۋەن بوغۇزى ۋە ئەتراپىدىكى كۈشكۈرتچىلىك خاراكتېرىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ زىيارىتىگە ھەددىدىن تاشقىرى ئىنكاس قايتۇرۇشنى ھەمدە ئۇنى باھانە قىلىپ پايدىلىنىش يولىنى تاللىدى» دېدى.

ئۇ يەنە، «خىتاينىڭ خەتەرلىك ھەرىكەتلىرى» سەۋەبىدىن ئامېرىكانىڭ ياپونىيە بىلەن «كۈچلۈك ھەمكارلىشىش» ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ 2-ئاۋغۇستتىكى (2022) تەيۋەن زىيارىتىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدا مانېۋىر باشلىغان ئىدى.

خىتاي مانېۋىردا قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ تەيۋەنگە يېقىن جايلارغا، مۇنداقچە ئېيتقاندا، شىمالى، جەنۇبى ۋە شەرقىي رايونلىرىغا چۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر