گۇتېرېس: ئۇكرائىنا ئۇرۇشى يەر شارىۋى پۇل – مۇئامىلە ئىشلىرىغا زور تەسىر كۆرسەتمەكتە
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېس ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ دۇنيا يېمەك – ئىچمەك، ئېنېرگىيە ۋە پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىغا زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى گۇتېرېس، نىيۇ يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ئۇكرائىنا خەلقىگە داۋاملىق سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىليونلىغان ئادەم ۋەيران بولدى.»
دۇنيا يېمەك – ئىچمەك، ئېنېرگىيە ۋە پۇل – مۇئامىلە كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش گۇرۇھىنىڭ قارادېڭىزنىڭ شىمالىدىكى ئۇرۇش سەۋەب بولۇۋاتقان دۇنياۋى كىرىزىسلارغا قارشى كۈرەش قىلىش تاكتىكىلىرى توغرىلىقمۇ توختالغان گۇتېرېس، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىمىزنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۇكرائىنا ۋە رايون خەلقىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. ئەمما بۇ ئۇرۇش، ئۇكرائىنانىڭ سىرتىدىمۇ يېمەك - ئىچمەك، ئېنېرگىيە ۋە پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىغا نۇرغۇن جەھەتتىن ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتمەكتە. ھەممىلا يەردە ئائىلىلەرنىڭ خامچوتلىرى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئۇرۇش سەۋەب بولۇۋاتقان يېمەك – ئىچمەك، قاتناش ۋە ئېنېرگىيە باھالىرىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدەك قىيىنچىلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا.»
ئۇ ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلەرگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ مەنىسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇرۇش تولىمۇ مەنىسىزدۇر، شۇڭا، بۇ ئۇرۇشنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىگە ئاساسەن سۆھبەت ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەممىمىز ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم.»
رۇسىيە ئارمىيەسى، 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.