لاۋروۋ نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىگە «ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ باھا بەردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتى توغرىسىدا توختالدى.

1863244
لاۋروۋ نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىگە «ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىگە «بۇ (ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ) ھەممىگە ھەممىلا نەرسىنىڭ جازاغا تارتىلمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ۋە ھەر قانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئارزۇسى» دەپ باھا بەردى.

بىرمادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان سېرگېي لاۋروۋ بىرما تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇننا مائۇڭ لۋىن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ، پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتى توغرىسىدا توختىلىپ: « بۇ (ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ) ھەممىگە ھەممىلا نەرسىنىڭ جازاغا تارتىلمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ۋە ھەر قانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئارزۇسى، مەن نېمىنى خالىسام شۇنى قىلىمەن لوگىكىسىدۇر. بۇنىڭ خىتايغا نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىپ تۇرۇپ، بىھۇدە ئىغۋاگەرچىلىك پەيدا قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قارايمەن» دېدى.

سېرگېي لاۋروۋ، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى قىسقارتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ: «سۆھبەت مۇساپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر  ھېچقانداق تەلەپ يوق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر