ئامېرىكا ئەلقائىدە رەھبىرى زاۋاھىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ئەلقائىدە تەشكىلاتى كاتتىبېشى ئەيمەن زاۋاھىرىنىڭ ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

1862368
ئامېرىكا ئەلقائىدە رەھبىرى زاۋاھىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت جو بايدىن ئاقساراي باغچىسىدا بايانات بېرىپ، ئەيمەن زاۋاھىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە كابۇلغا يوشۇرۇنۇۋالغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، يەكشەنبە كۈنى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «زاۋاھىرى كەتتى، بۇنىڭدىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ تېررورچىلارنىڭ بىخەتەر پاناھگاھىغا ئايلىنىشىغا ھەرگىزمۇ يول قويمايدىغانلىقىمىزغا كاپالەتلىك قىلىمىز. بۇ تېررورچىلار رەھبىرى ئەمدى يوق» دېدى.

زاۋاھىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئادالەت»نىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى تىلغا ئالغان بايدىن، بۇ ۋەقەدىن كېيىن 2001 – يىلى يۈز بەرگەن  11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئامېرىكالىقلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭمۇ راھەتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۈگۈن ئاخشام بىز يەنە بىر قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىمىزكى، قانچىلىك ۋاقىت كېتىشى، قەيەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، خەلقىمىز ئۈچۈن تەھدىت بولسىڭىز، ئامېرىكا سىزنى تېپىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ» دېدى.

زاۋاھىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە «مۇۋەپپەقىيەت» دەپ باھا بەرگەن بايدىن، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى «پەۋقۇلئاددە قەيسەرلىكى ۋە ماھارىتى»گە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد، ئامېرىكانىڭ ئەلقائىدە رەھبىرى ئەيمەن زاۋاھىرى ئۆلتۈرۈلگەن پايتەخت كابۇلدىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، بۇنىڭ خەلقئارا پىرىنسىپلارغا ۋە ئامېرىكا بىلەن تالىباننىڭ چەت ئەل غازاتچىلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن ئايرىلىشى توغرىسىدىكى 2020-يىلى ھاسىل قىلغان كېلىشىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەمما ئۇ، زاۋاھىرىنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر