ئىراقتا دۆلەت تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش چۇقانلىرى كۆتۈرۈلدى

ئىراقتا «سادىر ھەرىكىتى» نىڭ رەھبىرى مۇقتەدا ئەسسادىر تۈزۈم ۋە ئاساسىي قانۇننىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

1861836
ئىراقتا دۆلەت تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش چۇقانلىرى كۆتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا «سادىر ھەرىكىتى» نىڭ رەھبىرى شىئە مۇقتەدا ئەسسادىر خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، ھاشدى شابى ۋە قەبىلىلەردىكى قوللىغۇچىلىرىدىن يېشىل رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئولتۇرۇۋېلىش نامايىشىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ ئاساسىي قانۇننىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى، پارلامېنتلىق تۈزۈمدىن ۋاز كېچىشنى چاقىرىق قىلدى. ئەمما، قانداق تۈزۈمنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىدى.

مۇقتەدا ئەسسادىرنىڭ چاقىرىقىدىن كېيىن، ئۇنىڭ يۈزلەرچە قوللىغۇچىسى يېشىل رايونغا قاراپ مېڭىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى تۈنۈگۈن (31-ئىيۇل) ئىرانغا يېقىنلىقى بىلەن بىلىنىدىغان مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككى قېتىم بېسىپ كىرگەن يېشىل رايوندىكى پارلامېنت بىناسىدا، مۇددەتسىز ئولتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر