«ئەردوغان <نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىلىشكە لايىقتۇر»
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مەسلىھەتچىلىرىدىن دوۋ س. زاكھېيىم، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشكە لايىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر قىسىم تەتقىقات مەركەزلىرىدە ئانالىزچى سۈپىتىدىمۇ ئىشلەيدىغان زاكھېيىم، «‹The Hill› گېزىتى» گە يازغان «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ غالىبىيىتى» ناملىق ماقالسىدە، مۇنداق دەپ يازدى: «ئەردوغان، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا، قارادېڭىزدىكى پورتلار ئارقىلىق ئۇكرائىنادىن ئاشلىق يۆتكەشكە يول قويۇلىدىغان كېلىشىمگە ۋاسىتىچىلىك قىلدى.»
رۇسىيەنىڭ توسالغۇ بولۇشى نەتىجىسىدە ئۇكرائىنانىڭ 22 مىليون توننا ئاشلىقىنى يۆتكەش مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقىنى، رۇسىيە بىلەن كىيېۋ ئوتتۇرىسىدا مىنا تازىلاش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن زاكھېم، مۇنداق دېدى: «بۇ قاتمال ھالەتنىڭ تەسىرىدە، خەلقئارا يېمەكلىك بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئۆرلەپ كەتتى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىليونلىغان كىشى ئاچارچىلىق خەۋىپىگە دۇچ كەلدى. بۇ بولسا، ياۋروپاغا يېڭى بىر يەر شارىۋى كۆچمەنلەر دولقۇنى خەۋىپىنى تۇغدۇرماقتا.»
ئۇ، ئىستانبۇلدا ئىمزالانغان ئاشلىق كېلىشىمى ئارقىلىق رۇسىيەنىڭمۇ چەت ئەلگە يېمەكلىك بۇيۇملىرى ۋە ئوغۇت ئېكسپورت قىلالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شۇ ۋەجىدىن، بۇ كېلىشىم ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك كېلىشىم ھېسابلىنىدۇ.»
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىستانبۇلدا ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىدا ئوينىغان رولى تۈپەيلى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مىسلىسىز يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەنلىكىنى قەيت قىلغان زاكھېم، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۈچۈن مىسلىسىز زەپەر ئىكەنلىكىدە قىلچە شەك – شۈبھە يوقتۇر.»
ئۇ، گەرچە رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ھەم ئۇكرائىنا بىلەن ھەم رۇسىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ، كېلىشىم تۈزۈلۈشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەردوغان، ھېچ بولمىغاندا <نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى> غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشكە لايىقتۇر.»