ئۇكرائىنا: رۇسىيە ئۇكرائىنالىق ئەسىر ئەسكەرلەر قامالغان تۈرمىنى بومباردىمان قىلدى

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا، رۇسلارنىڭ ئۇكرائىنالىق ئەسىرلەر قامالغان ئولېنىۋكا تۈرمىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1861450
ئۇكرائىنا: رۇسىيە ئۇكرائىنالىق ئەسىر ئەسكەرلەر قامالغان تۈرمىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇلېبا تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ، نەچچە ئون ئۇكرائىنالىق ئەسىر ئەسكەرنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئولېنىۋكا تۈرمىسى ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ ئازوۋستالدىن چېكىندۈرۈلۈشىگە ياردەم بەرگەن ب د ت نىڭ، ئولېنىۋكا تۈرمىسىنى بومباردىمان قىلغان رۇسىيەنى كۈچلۈك ئەيىبلىشىنى ۋە بۇ قەبىھ جىنايەتنىڭ بارلىق پاكىتلىرىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن رايوننى زىيارەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن» دېدى.

كۇلېبا يەنە، خەلقئارا قىزىل كىرېست كومىتېتىنىمۇ ئۇكرائىنا مەھبۇسلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى.

رۇسىيە بولسا، تۈرمىنى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە؛ رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىن باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوف، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئولېنېۋكا ئولتۇراق رايونىغا يېقىن جايدا ئەسىرگە چۈشكەن ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى قامالغان تۈرمىگە ئامېرىكادا ياسالغان يۇقىرى ئىقتىدارلىق زەمبىرەك راكېتا سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى؛ ھۇجۇمدا 40 نەپەر ئۇكرائىنا ئەسىر ئەسكىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 75 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر