پوليانىسكىي: رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئازاد قىلىشنى پىلانلىغان رايونلاردىن ۋاز كەچمەيدۇ

رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى دىمىترىي پوليانسكىي، موسكۋانىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئازاد قىلىشنى مەقسەت قىلغان رايونلاردىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1861485
پوليانىسكىي: رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئازاد قىلىشنى پىلانلىغان رايونلاردىن ۋاز كەچمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى دىمىترىي پوليانسكىي، موسكۋانىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئازاد قىلىشنى مەقسەت قىلغان رايونلاردىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، غەرب دۆلەتلىرى ئۇكرائىناغا بەرگەن ئۇزۇن مۇساپىلىك قوراللارنىڭ پەقەت «ئىغۋاگەرچىلىك»نى كۈچەيتىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دىمىترىي پوليانسكىي، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئامېرىكانىڭ نىيۇيورك شەھىرىدىكى باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى پۇقراۋى ئەسلىھەلەرگە زەربە بېرىپ، ئارقىدىن ئۇنى گويا رۇسىيە ئەسكەرلىرى سادىر قىلغاندەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ: «رۇسىيە ئارمىيەسى لۇخانىسكى خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىنى پۈتۈنلەي ئازاد قىلدى. دونباس خەلقى رايوننىڭ بارلىق زېمىنىنىڭ كونتروللۇقىنى قايتىدىن قولىغا ئالىدۇ. بۇ ئىش قاچان ئىشقا ئاشىدۇ، بۇ بىر ۋاقىت مەسىلىسى» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئامېرىكادا ئىشلەنگەن يۇقىرى ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە زەمبىرەك راكېتا سىستېمىسى ۋە كۆپ سىتۋوللۇق راكېتا سىستېمىسى راكېتالىرى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن دونباسنىڭ ئېلېنوۋكا رايونى ئەتراپىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا چۈشۈپ، قاماقتىكى 50 تىن ئارتۇق ئۇكرائىنالىق ئۇرۇش جىنايەتچىسىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ خىل قورقۇتۇش تاكتىكىسى ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى تەسلىم بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشقىلا يارايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

كىيېۋغا تاپشۇرۇلغان قوراللار بىلەن ئۇكرائىنا تۇپراقلىرىدىكى ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ «قانۇنلۇق ھەربىي زەربە بېرىش نىشانى» سۈپىتىدە داۋاملىق ئوققا تۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پولىيانسكىي: «ئۇكرائىنا ھاكىمىيىتى غەربلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە نازارىتى ئاستىدا ئىشلىتىلىدىغان ئىلغار تىپلىق كۆپ سىتۋوللۇق راكېتامىيوتلارنى ئېلىشقا باشلىغىنىغا قارىغاندا، غەرب دۆلەتلىرى توقۇنۇشقا بىۋاسىتە قاتنىشىدىغان دەرىجىگە يېتىشكە يېقىنلىشىۋاتىمىز» دېدى.

رۇسىيە باش ئەلچىسى غەرب دۆلەتلىرىنى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلىش ۋە «ياۋروپانىڭ مەركىزىدە قانۇنسىز قورال ئەتكەسچىلىكى ئۈچۈن رايونلۇق مەركەز قۇرۇش» بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان قورال ياردەملىرىنىڭ «رۇسىيەنىڭ مەقسىتىگە يېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمايدىغانلىقى»نىڭ سىگنالىنى بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر