زېلېنىسكىي ئۇكرائىنانىڭ تاشقى دۇنياغا ئاشلىق ئەۋەتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي ئاشلىق ئەۋەتىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇكرائىنا (ئاشلىق) ئەۋەتىشنى باشلاش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ ئىشارەت بېرىشىنى كۈتمەكتە» دېدى.

1861280
زېلېنىسكىي ئۇكرائىنانىڭ تاشقى دۇنياغا ئاشلىق ئەۋەتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
cernomorsk limani zelenskiy.jpg
cernomorsk limani zelenskiy.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى دۇنيانىڭ ئېھتىياجلىق جايلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىش مەقسىتىدە ئىستانبۇلدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدىن كېيىنكى ئالاقىدار خىزمەتلەر سۈرئەت بىلەن ئىشلەنمەكتە؛ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي تاشقى دۇنياغا ئاشلىق ئەۋەتىلىدىغان ئۈچ پورتنىڭ بىرى بولغان چەرنومورسكى پورتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ خىزمەتلەرنى بىۋاسىتە كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئاشلىق ئەۋەتىشنى باشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، تۈركىيە ۋە ب د ت بىلەن ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «ئۇكرائىنا (ئاشلىق) ئەۋەتىشنى باشلاش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ ئىشارەت بېرىشىنى كۈتمەكتە» دېدى.

ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى قارادېڭىز ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بىخەتەر يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان «ئىستانبۇل ئاشلىق كېلىشىمى» 22-ئىيۇل ئىستانبۇل دولماباھچە سارىيىدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىشخانىسىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن، تۈركىيە، ب د ت، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغانىدى.

قارا دېڭىز ئارقىلىق ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى بىخەتەر يۆتكەشكە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزى 27-ئىيۇل ئىستانبۇلدىكى دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى بىناسىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر