رۇسىيە: تەرەپلەر ئاشلىق كېلىشىمىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتىدۇ

رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىنۋان نېچايېۋ، تەرەپلەرنىڭ ئىستانبۇلدا ئىمزالانغان ئاشلىق كېلىشىمىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن زۆرۈر مىخانىزملار دائىرىسىدە خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1860459
رۇسىيە: تەرەپلەر ئاشلىق كېلىشىمىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىۋان نېچايېۋ، پايتەخت موسكۋادا توردا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كۈندىلىك مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى ھەپتە، تۈركىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا ئاشلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى. كېلىشىمنىڭ ئەمەلىي يولغا قويۇلۇشى ھەققىدە سۆز ئېچىش ئۈچۈن تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ. كېلىشىم ئىمزالانغىنىغا تېخى بىرقانچە كۈن بولدى. تەرەپلەر كېلىشىمنىڭ نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق زۆرۈر مېخانىزملارنى شەكىللەندۈرمەكتە. بىز كېلىشىمنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ساساقەت بىلەن رىئايە قىلىمىز. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سەمىمىي قوللىشى ۋە   خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانلىق پوزىتسىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىجابىي تەشەببۇسلىرى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر