پېسكوۋ: ئامېرىكا بىلەن مەھبۇس ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تېخىچە ھاسىل قىلىنالمىدى

موسكۋا، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھازىرغىچە مەھبۇس ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1860796
پېسكوۋ: ئامېرىكا بىلەن مەھبۇس ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تېخىچە ھاسىل قىلىنالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، رۇسىيەدە تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئامېرىكا پۇقراسى برىتنېي گرىنېر ۋە پائۇل ۋېلان بىلەن ئامېرىكادا تۈرمىدە يېتىۋاتقان رۇسىيەلىك ۋېكتور بۇتنىڭ ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر توغرىسىدا توختىلىپ: «بۇنداق ئىشلار توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغاندا، ئۇچۇرلار بۇنداق كۆپ ھەمبەھىرلەنمەيدۇ. ئادەتتە، كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىدۇ. بىلىشىمىزچە تېخى كېلىشىم ھاسىل قىلىنغىنى يوق» دېدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋامۇ، مەھبۇس ئالماشتۇرۇش مەسىلىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سۆزلەشكەنلىكىنى ۋە ھەر ئىككى پىرېزىدېنتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بۇ ھەقتە سۆھبەتلىشىش ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «(سۆھبەت) مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا. تېخى كونكرېت نەتىجىگە ئېرىشىلمىدى، ئەمما بىز سۆھبەت جەريانىدا ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىنىڭ كۆزدە تۇتۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن بايانات بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ گىرىنېر ۋە ۋېلاننى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن موسكۋاغا «مۇھىم تەكلىپ» تەييارلىغانلىقىنى ۋە پات يېقىندا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدىكى بەزى خەۋەرلەردە، ئامېرىكانىڭ گىرىنېر ۋە ۋېلاننىڭ بەدىلىگە بۇتنى رۇسىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر