ياپونىيە بىلەن ھىندونېزىيە دېڭىز بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى

ياپونىيە بىلەن ھىندونېزىيە دېڭىز بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا كېلىشتى.

1860291
ياپونىيە بىلەن ھىندونېزىيە دېڭىز بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن ياپونىيە باش مىنىستىرى كىشىدا فۇمىئو بىلەن ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

كىشىدا، ياپونىيەنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە ھىندونېزىيەنىڭ دېڭىز-ئوكيان بىخەتەرلىكى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دۆلىتىنىڭ ھىندونېزىيەگە ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىگە ئىشلىتىشى ئۈچۈن 318 مىليون دوللار قەرز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋىدودو بولسا، ياپونىيەنىڭ يېڭى مەبلىغىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ياپونىيەدىن پاكىز ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، دورا، دېھقانچىلىق ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەن ياپونىيەنى ھىدروگېن ۋە ئاممىياك تېخنىكىسى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىلىرىنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ، ھىندونېزىيەنىڭ نۆل قويۇپ بېرىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى تېزلىتىشىنى قوللاشقا چاقىرىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىككى رەھبەر، دېڭىز بىخەتەرلىكى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېنېرگىيە ۋە مەبلەغ سېلىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر