ئامېرىكا ئاشلىق يۆتكەش مەسىلىسىدە تۈركىيەنى ماختىدى

ئامېرىكا ئۇكرائىنادىن ئاشلىق يۆتكەش مەسىلىسىدە بىرلەشمە كوردىناتسىيە مەركىزى قۇرۇشقا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى سەۋەبىدىن جۇمھۇر رەئىس رەقەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەشەككۈر ئېيتتى.

1859950
ئامېرىكا ئاشلىق يۆتكەش مەسىلىسىدە تۈركىيەنى ماختىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە دىرېكتورى جون كىربى زۇم ئارقىلىق مۇخبىرلارغا ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى تەرەققىياتلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى بىرلەشمە كوردىناتسىيە مەركىزىنىڭ خىزمەت قىلىشنى باشلىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا: «بىرلەشمە كوردىناتسىيە مەركىزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. بۇنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ: «بىرلەشمە كوردىناتسىيە مەركىزىنىڭ خىزمەت باشلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىمىز. بارلىق تەرەپلەرنى ئىستانبۇلدا 22-ئىيۇل جۈمە كۈنى ئىمزالانغان كېلىشىمگە بويسۇنۇشقا چاقىرىمىز» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردە قويۇق ئالاقىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرس ۋە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا بىرلەشمە كوردىناتسىيە مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىغا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى سەۋەبىدىن مىننەتدارمىز. بۇنىڭ ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى بىلىمىز، بۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆپ خىزمەت قىلدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرى مېۋە بېرىدۇ. ب د ت ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى باشلامچىلىقىنى تەقدىرلەيمىز» دېدى.

بۇ جەرياندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايسمۇ تۈركىيەنىڭ، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە ب د ت ئارىسىدا «ئاشلىق ۋە يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنى ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن بىخەتەر يۆتكەش كېلىشىمى» ئىمزالىنىشىدا مۇھىم ۋاستىچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «كەڭ دائىرىدىن ئېيتقاندا، تۈركىيە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى 24-فېۋرال (2022) باشلىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ توختىتىلىشىدا مۇرەسسەچىلىك رول ئوينايدۇ. بۇ توغرىدا كۆپ ئېيتتۇق. ئۇكرائىنا قاتارلىق ئامېرىكا ۋە شېرىكلىرى بىلەن كوردىناتسىيە ھالىدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىنى توختىتىش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر