ب د ت ئۇكرائىنادىن ئاشلىق بېسىلغان پاراخوتلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشىنى كۈتمەكتە

ب د ت ئۇكرائىنادىن ئاشلىق بېسىلغان پاراخوتلارنىڭ بىر قانچە كۈن ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1859488
ب د ت ئۇكرائىنادىن ئاشلىق بېسىلغان پاراخوتلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشىنى كۈتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپىنىڭ ياردەمچى باياناتچىسى فارھان ھەق نىيۇ يوركتىكى ب د ت مەركىزىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ: «ئىستانبۇلدا جۈمە كۈنى ئىمزالانغان كېلىشىم بويىچە، ئاشلىق، ئوغۇت ۋە يېمەك-ئىچمەك بېسىلغان پاراخوتلارنىڭ بىخەتەر ھالدا يولغا چىقىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىمنىڭ نىشانىغا يېتىشى ئۈچۈن بارلىق مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.

ئۇ ئاشلىق بېسىلغان پاراخوتلارنىڭ ئۇكرائىنانىڭ قارا دېڭىزدىكى پورتلىرىدىن ئۆتىدىغانلىقى ۋە بۇ پورتلارنىڭ بىرىنىڭ ئودېسسا پورتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «پاراخوتلارنىڭ يولغا چىقىشى ئۈچۈن بارلىق شەرتلەرنىڭ ئۇيغۇن بولغانلىقىدىن خاتىرجەم بولۇشىمىز كېرەك. ئودېسسا پورتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ بۇنىڭغا پايدىلىق بولمىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. شەنبە كۈنىدىن بۇيان (23-ئىيۇل) ئاشلىق كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن تەرەپلەر بىلەن ئالاقە قىلىۋاتىمىز. باش كاتىپ ئانتونىيو گۇتېرس بۇ رامكىدا مۇناسىۋەتلىك بارلىق كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنادىن ئاشلىق بېسىلغان پاراخوتلارنىڭ «بىر قانچە كۈن ئىچىدە» ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

قارا دېڭىزدىن بىخەتەر ئاشلىق يۆتكەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 22-ئىيۇل (2022) ئىستانبۇل دولماباھچە سارىيىدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك ئىشخانىسىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرسنىڭ ھۇزۇرىدا، ئۇكرائىنا ھەمدە رۇسىيە بىلەن «ئىستانبۇل ئاشلىق كېلىشىمى» ئىمزالانغان ئىدى.

رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرال (2022) ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشنى باشلىشى سەۋەبىدىن ئاشلىق بېسىلغان پاراخوتلارنىڭ ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن چىقالماسلىقى نەتىجىسىدە، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئاشلىق كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر