ياپونىيەدە تۇنجى مايمۇن چېچىكى ۋەقەسى بايقالدى

ھەپتە ئاخىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك جىددىي ئەھۋال ئېلان قىلىشىغا سەۋەب بولغان يۇقۇملۇق مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى ياپونىيەدىمۇ بايقالدى.

1859285
ياپونىيەدە تۇنجى مايمۇن چېچىكى ۋەقەسى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە پايتەختى توكيودا ياشايدىغان 30 ياشلاردىكى بىر ئەر كىشىنىڭ مايمۇن چېچىكى بىلەن ۋىرۇسى يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى.

مەزكۇر كىشىنىڭ چەت ئەلدە ساياھەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى، ئەمما كىملىك ئۇچۇرلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۈگۈن (2022-يىلى 25-ئىيۇل) مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىغا قارشى ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، خەلق ئاممىسىدىن كېسەللىككە قارشى تەدبىرلىك بولۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ياۋروپا قاتارلىق دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. 75 دۆلەتتە 16 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە يۇققان ۋىرۇس سەۋەبىدىن يەر شارى خاراكتېرلىك جىددىي ئەھۋال ئېلان قىلىندى.

يېقىن ئالاقە يولى بىلەن تارقىلىدىغان ۋىرۇسنىڭ بەش كۈندىن 21 كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا يوشۇرۇن مەزگىلدىن ئۆتۈپ قىززىش ۋە تېرە زەخمىلىنىش شەكلىدە كۆرۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

گوللاندىيەدە خەتەر گۇرۇپپىسىدىكى شەخسلەرگە مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ باشلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

گوللاندىيە ئاممىۋى سەھىيە ۋە مۇھىت تەتقىقات ئورنى (RIVM) نىڭ باياناتىدا، مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىغا قارشى تۇنجى ۋاكسىنانىڭ ئامستېردام ۋە لاھېي شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ساغلاملىق مەركەزلىرىدە ئەملىنىشكە باشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

گوللاندىيەدە 21-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت مىقياسىدا 712 كىشى مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر