رۇسىيە قوماندانلىرى ئىككىلىنىشكە باشلىغان
رۇسىيە قوماندانلىرىنىڭ شەرقىي سەپتە ھەربىي ياردەمنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ياكى غەربىي سەپتە مۇداپىئەنى كۈچەيتىش ئارىسىدا ئىككىلىنىشكە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1859157

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدە ئېلان قىلىنغان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستىخبارات دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، رۇسىيە قوماندانلىرى شەرق سېپىگە بولغان ھەربىي ياردەمنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ياكى غەربىي سەپتە مۇداپىئەنى كۈچەيتىش ئارىسىدا ئىككىلەنمەكتە ئىكەن.
ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ دوكلاتىدا، ئۇكرائىنانىڭ ھەم دونباس ھەمدە خېرسون رايونلىرىدا نەتىجىسى چىقمىغان ئۇرۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى:
«رۇسىيە قوماندانلىرى شەرقىي سەپتە ھۇجۇمنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ياكى غەربىي سەپتە مۇداپىئەنى كۈچەيتىش ئارىسىدا ئىككىلەنمەكتە. ئىستىخبارات ئورگانلىرى 2022-يىلى 18-ئىيۇل رۇسىيەنىڭ بېلگورود رايونىدا ئۇكرائىنا چېگراسىغا 10 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بارۋىنول ئەتراپىدا رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئاپتوموبىل رېمونت ۋە ئاسىراش مەركىزىنى بايقىدى. مەركەزدە تانكىلار، بىرونىۋىكلار ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەڭ ئاز دېگەندە 300 دىن ئارتۇق بۇزۇلغان ئەسلىھەلەر بار ئىدى. رۇسىيە ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن ھەربىي خادىملار مەسىلىسىگە قوشۇمچە، ئۇكرائىنادا زەربىگە ئۇچرىغان مىڭلارچە ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ۋە رېمونت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى ئېھتىمال.»
خېرسون رايونىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى سېرگىي خلان ئۇكرائىنا تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇرۇش سەپلىرىدە بۇرۇلۇش بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇرۇش سەپلىرىدە بۇرۇلۇش بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتالايمىز. مۇداپىئەدىن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈۋاتىمىز. سېنتەبىرگىچە خېرسون رايونىنى چوقۇم ئازاد قىلىپ، ئىشغالچىلارنىڭ پىلانلىرىنى بىتچىت قىلىمىز» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىسسىق ئىقلىملىق بەزى دۆلەتلەردە قار ياغدى
ئىسسىق ئىقلىمى بىلەن تونۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراقتا قار ياغدى.