رۇسىيە ئودېسساغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى

رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا پورتىغا قىلىنغان تۈنۈگۈنكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.

1858701
رۇسىيە ئودېسساغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا بايانات بېرىپ: «كالىبر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئودېسسا پورتىدىكى ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلەرنى ۋەيران قىلدى» دېدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى سىرتقى دۇنياغا يۆتكەش كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئودېسسا پورتىغا قىلغان ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات بېرىپ: «بۇ پەقەت بىرلا نەرسىنى ئىسپاتلايدۇ. رۇسىيە نېمە دېسە دېسۇن ۋە قانداق ۋەدە بەرسە بەرسۇن، ئۇنى ئىجرا قىلماسلىقنىڭ يوللىرىنى تاپالايدۇ» دېگەنىدى.

22 – ئىيۇل جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھىمايىسىدە، ئىستانبۇلدا تۈركىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئوتتۇرىسىدا «ئاشلىق ۋە يېمەكلىلەرنى ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن بىخەتەر يۆتكەش كېلىشىمى» ئىمزالانغانىدى. بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك كېلىشىم، يەر شارى يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يەر شارى ئاشلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئۇكرائىنا ئاشلىقىنىڭ ئودېسسا، چېرنومورسك ۋە يۈزنى پورتلىرى ئارقىلىق قايتىدىن دۇنيا بازىرىغا سېلىشنىڭ يولىنى ئاچتى.

بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلىنىۋاتقان كېلىشىمگە ئاساسەن، رۇسىيە ئاشلىق يۆتكەش جەريانىدا ئۇكرائىنا پورتلىرىنى زەربە نىشانى قىلمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر