ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بايدىننىڭ «راك كېسىلىگە دۇچار بولدۇم» دېگەن سۆزىگە ئىزاھات بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائىرىلىرى، «راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى»نى ئېيتقان پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن دۇچار بولۇپ ساقايغان تېرە راكىنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1857870
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بايدىننىڭ «راك كېسىلىگە دۇچار بولدۇم» دېگەن سۆزىگە ئىزاھات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ ماسساچۇسېتس ئىشتاتىدىكى بىر پائالىيەتتە فوسىل يېقىلغۇلارغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «بۇلارنىڭ سەۋەبىدىن مەن ۋە نۇرغۇن كىشىلەر راك كېسىلىگە گىرىپتار بولدۇق، يۇرتۇم دېلاۋار راك كېسىلى ئەڭ يۇقىرى ئىشتات ھېسابلىنىدۇ» دېگەن سۆزلىرى چۈشىنىشمەسلىك پەيدا قىلدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى نۇرغۇن كىشىلەر «بايدىن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولدىمۇ؟» دەپ ئۇچۇر ھەمبەھرىلىگەندىن كېيىن، ئاقساراي مۇئاۋىن باياناتچىسى ئاندرېۋ بېيتس ئۆزىنىڭ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

بايدىننىڭ بۇ سۆزى ئارقىلىق ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن دۇچار بولغان تېرە راكىنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بېيتس، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ بايدىننىڭ نويابىردا ئېلان قىلىنغان ساغلاملىق دوكلاتىغىمۇ كىرگۈزۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر