فېيسبۇك تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ھېسابلىرىنى تاقاپ قويدى

ئامېرىكا ئىجتىمائىي ئالاقە ماگناتى فېيسبۇك تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە خەۋەر ئاگېنتلىقى نىڭ ھېسابلىرىنى تاقاپ قويدى.

1857601
فېيسبۇك تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ھېسابلىرىنى تاقاپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەر ئاگېنتلىقى <Bakhtar> فېيسبۇكنىڭ ئورگان ھېسابىنى تاقىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتام <Bakhtar> نىڭ فېيسبۇك قائىدىلىرىگە تولۇق رىئايە قىلغان ھالدا تارقىتىش بېرىۋاتقانلىقى، مەقسەتلىرىنىڭ بولسا، ئوقۇرمەنلەرگە ئېنىق ۋە كەڭ دائىرىلىك ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، فېيسبۇكنىڭ بۇ قارارىنىڭ ئافغانىستانلىقلارنى ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئافغانىستان ھۆكۈمەت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مۇدىرى ئەھمەدۇللا ۋاسىق قانالغا تەۋە پارسچە ۋە پۇشتۇچە ھېساباتلىرىنىڭ فېسبۇك تەرىپىدىن ھېچقانداق سەۋەبسىز تاقالغانلىقىنى ۋە بۇ قارارنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەھمەدۇللا ۋاسىق تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ تېلېۋىزىيە قانىلى <RTA> نىڭ ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، فېيسبۇكنىڭ تاقاپ قويغان ھېسابلارنى قايتا ئېچىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر