ئامېرىكا ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىپ، پۇقرالىرىدىن رۇسىيەدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيە توغرىسىدا 4-دەرىجە ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى...

1857098
ئامېرىكا ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىپ، پۇقرالىرىدىن رۇسىيەدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيە توغرىسىدا 4-دەرىجە ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىپ، پۇقرالىرىنى «رۇسىيەدە يالغان ئەيىبلەشلەر بىلەن ناھەق ھالدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش خەۋپى بارلىقى»دىن ۋاقىپلاندۇردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تور بېتىدىكى ئۇچۇرلارنى يېڭىلاپ، رۇسىيەگە مۇناسىۋەتلىك ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈردى.

مىنىستىرلىق رۇسىيەدە ياشاۋاتقان ياكى رۇسىيەگە ساياھەتكە بارغان ئامېرىكالىقلاردىن بۇ دۆلەتتىن دەرھال ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرالدىن بۇيان ئۇكرائىناغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى، «يەرلىك قانۇنلارنىڭ خالىغانچە ئىجرا قىلىنىشى»، «كوۋىد-19 چەكلىمىلىرى» ۋە «تېررورىزم» قاتارلىقلارمۇ ئاگاھلاندۇرۇش تېمىسى بولدى.

باياناتتا، رۇسىيە مىقياسىدىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش ئېھتىمالى بارلىقىغىمۇ ئىشارەت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر