فىرانسىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك كېلىشىمى ئىمزالىدى

فىرانسىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدە كەڭ كۆلەملىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1856484
فىرانسىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:فىرانسىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيە-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك كېلىشىمىنىڭ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت باشلىقى مۇھەممەد بىن زايىد ئالناھياننىڭ پارىژدىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا ئىمزالانغانلىقىنى بىلدۈردى.

كېلىشىمنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ھىدروگېن، قايتا ھاسىل بولىدىغان ۋە يادرو ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە ئورتاق مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى بەلگىلەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، كېلىشىمدە يېشىل تۈرلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان بىرلەشمە فوند قۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون ئالناھياننى ئېلىسې سارىيىدا كۈتۈۋېلىپ، دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي «لېژىيون دۈنۈ» (Legion dHonneur) ئوردېنىنى تەقدىم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دېكابىردا (2022) فىرانسىيەدىن 14 مىليارد ياۋرو قىممىتىدە 80 دانە رافالې كۈرەشچى ئايروپىلانى سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر