ب د ت نىڭ يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا تىرىشماقتا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى خانس گرۇندبېرگنىڭ يەمەندە 2 - ئاۋغۇست توشىدىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1856618
ب د ت نىڭ يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا تىرىشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى فارخان ھەق نيۇيوركتىكى ب د ت مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىردى.

فارخان ھەق مۇنخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا،  «ئالاھىدە ۋەكىلىمىز ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە بەرگەن ئەڭ يېڭى باياناتىدا، نۆۋەتتىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ قانداق نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ،  مۇددەتنى ئۇزارتىشقا ئېھتىياج بارلىقىنى تەكىتلىدى. شۇڭلاشقا ئۇ ھازىر بۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە تەكلىپ قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى ئۈستىدە خىزمەت قىلماقتا» دېدى.

نۆۋەتتىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك بەلگىلىمىلىرى ئىچىدە، ھۇدەيدا پورتىدىن باشقا يەنە 7 يىلدىن بۇيان خۇسىيلار ئىشغال قىلغان تائىز شەھىرىدىكى يوللارنىڭ ئېچىلىشى ۋە سانا ئايرودورۇمىدىن سودا ئايروپىلانلىرى ئۇچۇشىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشى قاتارلىقلار ماددىلارنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر