ھىندىستاننىڭ ماخاراشتىرا ئۆلكىسىدىكى كەلكۈندە 102 كىشى قازا قىلدى

ھىندىستاننىڭ غەربىدىكى ماخاراشتىرا ئۆلكىسىدە شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە باشقا ھادىسىلەردە ئىيۇن ئېيىنىڭ بېشىدىن بۇيان جەمئىي 102 كىشى قازا قىلدى.

1855856
ھىندىستاننىڭ ماخاراشتىرا ئۆلكىسىدىكى كەلكۈندە 102 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ ماخاراشتىرا ئۆلكىسىگە 1 - ئىيۇندىن بۇيان شىددەتلىىك يامغۇر ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە.

ئۆلكىدە شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە ھادىسىلەردە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 2 كىشى قازا قىلىپ، 68 كىشى يارىلاندى. ئىيۇن ئېيىنىڭ بېشىدىن بۇيان قازا قىلغانلارنىڭ سانى 102 كىشىگە يەتتى.

ماخاراشتىرادا ئىيۇندىن بۇيان تەخمىنەن 12 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى، ئۆلگەن ھايۋانلارنىڭ سانى 189 گە يەتتى.

ھۆل-يېغىننىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۆلكىگە قاراشلىق 28 رايوننىڭ بەزىلىرىدە «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش، يەنە بەزىلىرىدە «ئاپېلسىن» ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى.

جەنۇبىي ئاسىيادا  ئىيۇن ۋە سىنتەبىر ئايلىرىدا تەسىر كۆرسىتىدىغان پەسىللىك يامغۇر ھەر يىلى ھىندىستان قاتارلىق رايوندىكى دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەملىك تەبىئىي ئاپەت ۋە ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر