شىنزو ئابې ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا 8-ئىيۇل كۈنى سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئەسناسىدا سۇيىقەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان سابىق باش ۋەزىر ئابې شىنزو ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

1854654
شىنزو ئابې ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
sinzo abe cenaze toreni1.jpg
sinzo abe cenaze toreni.jpg
sinzo abe cenaze toreni2.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توكيونىڭ مەركىزىدىكى زوجو جى بۇددىست  ئىبادەتخانىسىدا ئاز ساندا كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئاخبارات ۋاستىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلگەن دەپنە مۇراسىمىغا، ئائىلە ئەزالىرىدىن سىرت يەنە، باش ۋەزىر فۇمىئو كىشىدا ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىمدىن كېيىن، ئابې شىنزونىڭ مېيىتىنى ئېلىپ ماڭغان مېيىت ئاپتوموبىلى، باش ۋەزىرلىك مەھكىمىسى، پارلامېنت بىناسى ۋە ئابې شىنزونىڭ پارتىيەسى بولغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى بىناسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى.

مېيىت ئاپتوموبىلى ئۆتكەن يول ئېغىزلىرىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتتىق كۈچەيتىلدى، مىڭلىغان كىشى يول بويىغا يىغىلىپ، گۈل – چېچەكلەر بىلەن ئابې شىنزو بىلەن ئاخىرقى قېتىم ۋېدالاشتى.

ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ئابې شىنزو، 8-ئىيۇل كۈنى دۆلەتنىڭ نارا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتىنىڭ سايلام  سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى قوللاپ، دالا پائالىيىتىدە سۆزلەۋاتقاندا، كۆكرىكىگە ئوق تەگكەنىدى.

ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى NHK، ھۇجۇمدىن كېيىن ئېغىر يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئابېنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر