پۇتىن ئۇكرائىنالىقلارنىڭ رۇسىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈشىگە دائىر قارارنامىنى ئىمزالىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنادا ياشاۋاتقانلارنىڭ رۇسىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش نىشان قىلىنغان قارارنامىنى ئىمزالىدى.

1854697
پۇتىن ئۇكرائىنالىقلارنىڭ رۇسىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈشىگە دائىر قارارنامىنى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەتلىك قانۇن ئۇچۇر سىستېمىسىدا ئېلان قىلىنغان قارارنامىگە قارىغاندا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن،  ئۇكرائىنادا ياشاۋاتقانلارنىڭ رۇسىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش نىشان قىلىنغان قارارنامىنىڭ دائىرىسىنى كېەيتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قارارنامە ئارقىلىق، ئاتالمىش دونېستىك ۋە لۇخانسك جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشاۋاتقانلاردىن سىرت يەنە، ئۇكرائىنانىڭ بارلىق رايونلىرىدا ياشاۋاتقانلار، رۇسىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ئۈچۈن ئاددىيلاشتۇرۇلغان ئىلتىماس سۇنۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، 2019 – يىلى قارارنامە ئىمزالاپ،  دونېستىك ۋە لۇخانسك رايونلىرىدا ياشاۋاتقانلارنىڭ رۇسىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈشىنى قولايلاشتۇرغانىدى. 25 – ماي كۈنى بولسا، ئۇكرائىنانىڭ ھېرسون ۋە زاپورىجيا رايونلىرىدا ياشاۋاتقانلارمۇ بۇنىڭغا داخىل بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر