بايدىن مۇسۇلمانلارنىڭ «قۇربان ھېيت» ىنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن دۆلىتىدىكى ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ «قۇربان ھېيت» ىنى تەبرىكلىدى.

1854129
بايدىن مۇسۇلمانلارنىڭ «قۇربان ھېيت» ىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، بايرام ئەنئەنىلىرى ۋە ھەج پائالىيەتلىرىنىڭ ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادلىرىنى مۇستەھكەملىشى ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت ھەمدە ساماۋى دىنلارنىڭ ئورتاق مەنبەسىنىڭ خاتىرىلەتكۈچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئاللاھ تائالاغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاز كىرىملەر بىلەن قۇربانلىق قىلىش ۋە ئورتاقلىشىش ھەرىكىتى، بۈگۈنكى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارنى بىرلىكتە يېڭىش ۋەدىمىزنى ئەكىس ئەتتۈرمەكتە.»

ئۇ، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، مۇسۇلمانلارنىڭ يۇقۇمدىن كېيىنكى مەزگىلدە تۇنجى قېتىم ھەج ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلالىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تىنچلىق ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەش، مۇھتاجلارغا ساھىب چىقىش، تېخىمۇ كۆپ باراۋەرلىك ھوقۇقى ۋە پۇرسەتكە ئېرىشىش يولىدا ئىزدىنىدىغانلىقىمىزدىن ئىبارەت ۋەدىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمەن.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا مۇسۇلمان ئامېرىكالىقلارنىڭ مۇھتاجلارغا ياردەم بېرىشتە باشلامچىلىق رولىنى جارى قۇلدۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان بايدىن، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «مەن ۋە رەپىقەم جىل، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ <قۇربان ھېيت> ىنى تەبرىكلەيمىز. <قۇربان ھېيت» ىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، ھەجلىرىڭلار مەقبۇل بولسۇن!»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر