ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ «قۇربان ھېيت» ىنى تەبرىكلىدى

ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگ دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، «قۇربان ھېيت» ىنى تەبرىكلىدى

1853484
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ «قۇربان ھېيت» ىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگ، «قۇربان ھېيت» ىنى تەبرىكلەش مەقسىتىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلغان.

تۈركىيە – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مۇناسىۋەتلەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «مۇبارەك ھېيت كۈنلىرىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت، رايون ۋە پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن ھۇزۇر ۋە تىنچلىق ئېلىپ كېلىشى» گە تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن.

ئىككى رەھبەر، ئۆزئارا  سەزگۈرلۈكلەر ۋە ئىجابىي كۈنتەرتىپكە ئاساسەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى ئىجابىي قەدەملەر ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر