: شوتلاندىيەنىڭ «مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى» ئۆتكۈزۈش تەلىپى رەت قىلىندى

ئەنگلىيەگە قاراشلىق شوتلاندىيەنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق «مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى» ئۆتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت بېرىلىشى تەلىپى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن رەت قىلىندى.

1853091
:  شوتلاندىيەنىڭ «مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى» ئۆتكۈزۈش تەلىپى رەت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون، بۇ ھەقتە شوتلاندىيە رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى نىكولا ستۇرگونغا يازغان خېتىدە، مۇنداق دېدى: «يەنە بىر قېتىم  <مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى> ئۆتكۈزۈلۈشى مەقسىتىدە ئەنگىلىيە پارلامېنتىدىن، شوتلاندىيە پارلامېنتىغا ھوقۇق بېرىلىشى توغرىسىدىكى دەلىللىرىڭىزنى ئەستايىدىل كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتىم. دۆلىتىمىز دۆلەت ئىچى - سىرتىدا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، 2014-يىلى شوتلاندىيە خەلقى ئېنىق جاۋاب بەرگەن بىر سوئالغا قايتا جاۋاب بېرىشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكى مەسىلىسىدە ئوخشاش پىكىردە ئەمەسمەن.»

جونسون خېتىدە، ئەنگلىيە ۋە شوتلاندىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۆپلىگەن مەسىلىلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

شوتلاندىيە رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى نىكولا ستۇرگون بولسا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسوننىڭ ئۆزىگە يازغان خېتىنى ھەمبەھىرلەپ، بۇنىڭ، جونسوننىڭ «باش ۋەزىر سۈپىتىدە قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئىشلىرىدىن بىرى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، شوتلاندىيە <مۇستەقىللىق> نى تاللاش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. 2023-يىلى 19 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان رېفېراندۇمدا ئېرىشەلمىسىمۇ، ئومۇمىي سايلامدا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شوتلاندىيە دېموكراتىيەسى بۇ ياكى باشقا بىر باش ۋەزىرنىڭ مەھبۇسى بولمايدۇ.»

شوتلاندىيە مىللىي پارتىيەسى رەھبىرى ستۇرگون، 28-ئىيۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا، 2023-يىلى 19 – ئۆكتەبىر كۈنى «مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى» ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى، بۇ پىلاننىڭ قانۇنىي دائىرىسىنىڭ بېكىتىلىشى ئۈچۈن ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنىدىغانلىقلىرىنى،  مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەنمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتقانىدى.

شوتلاندىيە مىللىي پارتىيەسى، 2014-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدا شوتلاندىيەلىكلەرنىڭ % 55 تى مۇستەقىللىقنى رەت قىلىپ ئاۋاز بەرگەن بولۇشىغا قارىماي، ئەنگلىيەنىڭ 2020-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنىڭ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى ۋە يېڭى رېفېراندۇمغا ئېھتىياج بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك رېفېراندۇمدا % 62 ئاۋاز بىلەن رەت قىلىپ بېلەت تاشلىغان شوتلاندىيەلىكلەر، ئۆزلىرى خالىمىغان بولۇشىغا قارىماي ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر