ئامېرىكا تۈركىيەگە F-16 سېتىپ بېرىش مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى

ئاقساراي باياناتچىسى كارىن ژان پيېر، تۈركىيەگە F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىش مەسىلىسىنىڭ بىر نەچچە ئايدىن بېرى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، پرېزىدېنت جو بايدىننىڭ بۇ سېتىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1852517
ئامېرىكا تۈركىيەگە F-16 سېتىپ بېرىش مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ژان پيېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ بىر گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ <جوۋ بايدىننىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باشلىقلار يىغىنىدا دائىرىسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان F-16 لارنىڭ سېتىلىشى توغرىسىدىكى ئىجابىي بايانلىرىغا قاراتقان تەنقىدى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭغا ئالاقىدار سۆھبەتلەرنىڭ خېلىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «بىزنىڭ F-16 توغرىسىدىكى مەيدانىمىز ناھايىتى ئېنىق. بۇ ھەقتە بىر نەچچە ئايدىن بېرى مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بايدىن بۇ تەلەپنى ھەقىقەتەن قوللايدۇ. ئۇنىڭدىن يېڭى بىر نەرسە يوق» دېدى.

مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەن بايدىن، 30-ئىيۇندىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ۋاشىنگتوننىڭ تۈركىيەگە F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىنى ئالالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «مېنىڭ ئۇنىڭغا (جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا) دېگەنلىرىم، دېكابىردا ئېيتقانلىرىم بىلەن ئوخشاش. (تۈركىيەگە) F-16 لارنى سېتىپ بېرىشىمىز، شۇنداقلا ئايروپىلانلارنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. بۇنى قىلماسلىق بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە ماس كەلمەيدۇ. مەن دېكابىردىن بۇيان مەيدانىمنى ئۆزگەرتمىگەنلىكىمنى، بۇنىڭ بىر بەدىلىنىڭ بولۇشىنىڭ شەرت ئەمەسلىكىنى، بىزنىڭ ئۇنى سېتىپ بېرىشىمىز كېرەكلىكىنى دېدىم. بۇنى قىلىش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغىنىم، دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقى. بۇ تەستىقنى ئالالايمىز، دەپ قارايمەن» دېگەنىدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى بىر تۈركۈم كېڭەش پالاتا ئەزالىرى تۈنۈگۈن بايدىنغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ  تۈركىيەگە F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشنى قوللاش قارارىنى تەنقىد قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر